باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيە سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىدى

2016.02.02 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيە 31-يانۋار، ئىككى دۆلەتنىڭ سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ جەنۋەگە بېرىپ سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سەئۇدىي ئەرەبىستان دېپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبىر رىيادتا تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاشتا، سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوخشاش مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  چاۋۇش ئوغلى، تۈركىيە بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستان سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پۇقرالار رايونى ۋە قامال قىلىنغان رايونغا يۆتكەپ مېڭىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىش شەرتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر