باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژدىكى ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەپ بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچرىدى

2016.02.02 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە پارىژ مائارىپ تارماقلىرى ۋە ساقچى تەرەپ 1-فېۋرال خەۋەرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارىژ 5 – رايونغا جايلاشقان ھېنرى Ⅳ ئوتتۇرا مەكتىپى، ئىمپىراتور ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە 9- رايوندىكى كوندورسېد ئوتتۇرا مەكتىپى تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە پارىژ رايونىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 3 - قېتىملىق بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچرىشى ئىكەن.

  ساقچى تەرەپنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، مەلۇم بىرەيلەن 1-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا تىلفۇن قىلىپ« سىلەر ھەممىڭلار ئۆلىسىلەر»دېگەن، ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلدى، نەق مەيدانداننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، مەكتەپمۇ ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە، پارىژ يەرلىك تەپتىش ئورگىنى ۋە ساقچى تەرەپ بۇ مەكتەپ بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تەھدىت تېلېفون بىر نامسىز نومۇر بولغاچقا، ساقچى تەرەپ خەۋەر مەنبەسىگە ئاساسەن، تېلېفون مەلۇم بىر سۇپا ئارقىلىق ئۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان. يېقىنقى ئۈچ قېتىمقى تەھدىت سېلىش تېلېفونىمۇ ئالدىن تەييارلاپ قۇيۇلغان دەپ گۇمانلانغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر