باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە باھار مەسنەۋىسى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈپ مايمۇن يىلى كۈتۈۋېلىندى

2016.02.02 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى) چاغان يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغاندا كۇچا ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلىق - رەسساملىق يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ ئىككى مىڭدىن پارچىدىن ئارتۇق باھار مەسنەۋىسىنى ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىغا ھەقسىز سوۋغا قىلىپ قىزغىن ھەم شادلىققا تولغان بايرام كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.

  كۇچا پويىز ئىستانسىسىدا خەتتاتلار باھار مەسنەۋىسى سوۋغا قىلىشتىن باشقا يەنە نەق مەيداندا قەلەم تەۋرىتىپ تۆمۈر يول خادىملىرىغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى. مەسنەۋىلەر مايمۇن يىلىنى كۈتۈۋېلىش، كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ، گۈزەل ئارزۇ تىلەكلەرنى بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە تەشەككۈر ئېيتىش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردا يېزىلغان بولۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ئائىلە ئەخلاقى، مەدەنىيەت ئىستىلى قاتارلىقلارنى ھەممە ئائىلىلىگە يەتكۈزدى، شۇنداقلا چاغانلىق بايرام تۈسى قوشتى. تۆمۈر يول خادىملىرى مەسنەۋىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ بەس-بەستە مەسنەۋى ئېلىشتى.

  كۇچا پويىز ئىستانسىسىنىڭ يولۇچى توشۇش خادىمى لوڭ شۆنا: بۈگۈن چاغانلىق مەسنەۋى تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، گەرچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلالماي ئۆيگە قايتالمىساقمۇ يەنىلا ئۆيگە ئىككى يۈرۈش مەسنەۋى ئېلىپ ئەۋەتتىم، بۇنىڭدا ئائىلەمدىكىلەر چاغان ھىدىنى ھېس قىلالايدۇ.

  تۆمۈر يول تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش يۈزىسىدىن كۇچا پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى خادىملار چاغاندىن ۋاز كېچىپ بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، گەرچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىسىمۇ يەنىلا ئۆيلىرىگە باھار مەسنەۋىسى ئەۋەتىشتى.

  كۇچا پويىز ئىستانسىسىنىڭ يولۇچى توشۇش خادىمى چېن يۈنچىڭ: بۇ قېتىم ناھىيەلىك بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن بىزگە باھار مەسنەۋىسى سوۋغا قىلدى، بىز ھەممىمىز بەك خۇشال بولدۇق، بايا بىر نەچچە يۈرۈش تاللىدىم، ئۆيگە ئەۋەتىپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ خۇشال خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىزمۇ داۋاملىق ئىش ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر يولۇچىنىڭ بىخەتەر ئۆيگە قايتىپ چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلىق - رەسساملىق يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ ئىككى مىڭ يۈرۈش باھار مەسنەۋىسىنى ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا تەقدىم قىلدى.

  كۇچا ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساۋ چىڭگاۋ: بۇ قېتىم باھار مەسنەۋىسى تەقدىم قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۇچادىكى يولۇچىلار بېكەتلىرىگە بېرىپ بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقانلارغا سوۋغا قىلىپ ئۇلارغا بەخت تىلىدۇق، كىيىنكى قەدەمدە بىرلەشمىمىز مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ھەر مىللەت ئاممىسىغا باھار مەسنەۋىسى تەقدىم قىلىدۇ، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم، ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز.

  ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تىنچ ئامان بايرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىك ئىدارىسى خەتتاتلارنى تەكلىپ قىلىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار باھار مەسنەۋىسى يازدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا تەقدىم قىلدى.

  كۇچا ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جۈن: چاغان كېلىش ئالدىدا ئىدارىمىز ناھىيەلىك بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىشخانىسى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە باھار مەسنەۋىسى تەقدىم قىلىپ بىخەتەرلىك سوۋغا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، پويىز ئىستانسىدا ئادەملەر كۆپ ، بىر قەدەر زىچ توپلاشقان، بايراملىق كەيپىيات بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشمۇ مۇھىم، شۇڭا بىز بۇ پائالىيەتنى كارخانىلارغا، ھەر ساھەگە كېڭەيتىپ، چاغان مەزگىلدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا پۇختا ئاساس سالىمىز، چاغان كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ناھىيەمىزدىكى كارخانىلار، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ چاغىنى كۆڭۈللۈك بولۇشىنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىپ، خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ، تىنچ ئامان بولۇشىنى تىلەيمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر