- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خاماس رەھبىرى ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئىشلىمەكتە دېدى
2016.02.01 16:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى يەنى خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى 29- يانۋار، خاماسقا قاراشلىق قوراللىق تەشكىلات بولغان كاسان بىرگادىسىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھەر ۋاقىت ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، غەززە رايونىنىڭ غەربىدە راكېتا سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە شەرقىي قىسىمدا لەخمە كولاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خاماس 2007- يىلى غەززەنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قۇرال كۈچى بىلەن ئىگىلىگەنلىكتىن پەلەستىندە بۇنىڭ بىلەن پارچىلىنىش ۋەزىيىتى كېلىپ چىققان، ئىسرائىلىيە خاماسنى تېررورچى تەشكىلاتلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، غەززە رايونىنى قامال قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر