باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسى «ئېنېرگىيە تارقاتتى»

2016.02.02 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قەھرىمان روزى خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «شىنجاڭچە روھ» نى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە ئۇسۇلىنى ئاكتىپ تارقىتىپ، ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە يېتەكلىدى.بۇ ناھىيەدىكى ھەر قايسى يېزا-بازار، مەيدانلار يېشىل قىرائەتخانا، شاھمات ئۆيى سورۇنلىرىنى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش سەھنىسىنى بەرپا قىلدى.

  باي ناھىيە مىچىخ يېزا قۇمدۆڭ كەنتىدىكى دېھقانلار قىرائەتخانىسى 25كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىك ئۆيدىكى كىتاب جاھازىسىغا تۈرلۈك شەكىللەردىكى كىتاب- ژۇرنال ۋە قانۇن-نىزام، سىياسەت كىتابلىرى لىق تولدۇرۇلغان بولۇپ، كەنتتىكىلەر بەس-بەستە كېلىپ كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدۇ.

  دېھقان ئابدۇشۈكۈر ھەسەن باي ناھىيە مىچىغ يېزا قۇمدۆڭ كەنتىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى. ئىلگىرى ئۇ باقمىچىلىقتىن ياخشى كىرىم قىلالمىغان، باقمىچىلىققا بولغان چۈشەنچىسىمۇ ئانچە چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. كەنتتىكى دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قىش پەسلىدىكى ئارىسال ۋاقىتتا ھەر كۈنى قىرائەتخانىغا كېلىپ كىتاب كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى تولۇقلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر كىتاب كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى بىلىۋالدىم، يەنە بەزى ئىلغار باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالدىم».

  تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن تۇردىنىياز مەھەممەت كەتن ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى. ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئۆز كەنتىدە مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھەر كۈنى مۇشۇ يەرگە كېلىپ كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىپ، دېھقانلار قىرائەتخانىسىنىڭ ياخشى شارائىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى بىر ئىتتىپاق ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ، كەنتتىكى ياشلارنى قانۇن-نىزام، سىياسەتلەرنى بىللە ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىمەن».

  باي ناھىيەسى مەدەنىيەت ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كەنت مەدەنىيەت بازىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ساغلام مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە ھەقىقىي يەتكەن، ھەمدە، كەنتتىكى ئاممىنى يېتەكلەش ئارقىلىق، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ بوشلۇقى ئەڭ زور چەكتە تارايتىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلغان.

  باي ناھىيە مىچىغ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گاۋ دېپېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ قىش پەسلىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كەنت مەدەنىيەت بازىسى ۋە كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئومۇمىي خەلقنى تەربىيەلەش كۇرسىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، تەشۋىقات ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلىدۇق».

  ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئەسلىھەسى، كەنت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، باي ناھىيەسى يېزا-بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت ئاھالىسى مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر