باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كېنىشكىسىز-گۇۋاھنامىسىز تىجارەت قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»دىن پىكىر ئېلىندى

بېكىتىلگەن رايون ئىچىدە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ساتقانلار بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ

2016.02.02 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانداق ئەھۋاللار كېنىشكىسىز-گۇۋاھنامىسىز تىجارەت ھېسابلىنىدۇ؟ كېنىشكىسىز-گۇۋاھنامىسىز تىجارەت قىلغانلارنى قانداق نازارەت قىلىش كېرەك؟ گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى 1-فېۋرال ئېلان قىلغان «كېنىشكىسىز-گۇۋاھنامىسىز تىجارەت قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»دا، توپلىشىپ تىجارەت قىلىش بازىرى قاتارلىق بېكىتىلگەن رايون ئىچىدە يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كېنىشكىسىز- گۇۋاھنامىسىز تىجارەت قىلىش قىلمىشى قاتارىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنمايدىغان بۇ ئۈچ خىل ئەھۋال: قانۇن-بەلگىلىمىلەردە ئېنىق قىلىپ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ۋە رۇخسەتنامىسى ياكى تەستىق ھۆججىتى ئېلىش تەلەپ قىلىنمىغان تىجارەت تىجارەت پائالىيىتى؛ شەخسىيلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، رۇخسەت قىلىپ تەستىقلاش تەلەپ قىلىنمىغان مۇلازىمەت خارەكتېرلىك تىجارەت پائالىيىتى؛ توپلاشقان سودا بازىرى ياكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىگەن رايون ئىچىدە دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىقلار.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر