باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئىستېمالنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتتى

2016.02.02 10:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى ئېلىمىزدە ئىستېمالنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %66.4 كە يېتىپ، 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتتى. ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ئېنېرگىيە ئاتا قىلدى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 2015-يىلى ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 30 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، بىر قەدەر چوڭ ئاساسىي سان بىلەن مۇقىم ئاشقان، يەنى 20 تىرىليون يۈەندىن 30 تىرىليون يۈەنگە ئېشىشقا ئۈچ يىللا ۋاقىت كەتكەن. جۇڭگو بانكا كارتىسى بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، 2015-يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر سېكۇنتتا كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش سوممىسى 1مىليون 150 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، سىرتتا غىزالىنىش ۋە ساياھەت قىلىش يەنىلا ئىككى چوڭ چىقىم بولغان، مۇلازىمەت ئىستېمالى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.

  تيەنجىندىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيتى ئاساسىي تېمىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىدىكى 5500 كۋادرات مېتىرلىق ئىككى قەۋەتلىك بىنادا مەدەنىيەت تۈسى ناھايىتى قويۇق 27 ئىجادىي دۇكان بار. شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەردە 30 يۈەن خەجلەپلا كەسپىي ئاۋاز ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكا پىلاستىنكىسىنى چىقىرىپ، چولپان بولۇش خۇمارىدىن چىقىدۇ.

  ھېسسى ئىستېمال قىلىشتىن باشقا، 2015-يىلى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ كىنولارمۇ تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، كىنو بېلىتى كىرىمى تۇنجى قېتىم 40 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 كە يېقىن ئاشتى. دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىدىغانلار 40 تىرىليون ئادەم قېتىمدىن، ساياھەت كىرىمى 4 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان، ئەقلىي ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولدى، پۈتۈن يىلدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئەپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى 3.4 ھەسسە ئاشتى. تور ئىستېمالى تېز ئاشتى، مەملىكەت بويىچە نەق تاۋارلارنىڭ توردا سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10.8 كە يەتتى.

  ئىچكى ئىستېمال ئۆزلۈكسىز ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ كىشى چەتئەللەرگە چىقىپ، تېز ساياھەت قىلىشتىن ھوزۇرلاندى. ياپونىيە سودا سارايلىرى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ھەر خىل قولاي بولغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋسىتىلىرىنى قوللاندى. 2015-يىلى جۇڭگو پۇقرالار چەتئەلگە ئەڭ كۆپ ساياھەتكە چىقىدىغان دۆلەت بولدى، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈچلۈك ئىستېمال ئىقتىدارى دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر