باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ قوشما باياناتى: « قارا تىزىملىك»تىكى يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىنمايدۇ

2016.02.02 17:27   مەنبە: خەلق تورى

بەش چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ قوشما باياناتى:  « قارا تىزىملىك»تىكى يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىنمايدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى دۆلەت ئوبرازى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى نامايەن قىلىدۇ. بولۇپمۇ بەزى ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئايرودروم، ئاۋىئاتسىيەدە كەينى-كەينىدىن چىققان مەدەنىيەتسىز قىلمىشى، شەخسىي ئوبرازى، دۆلەت ئوبرازىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ھەتتا ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋەقەگە ئايلانغان. 1-يانۋار، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، چۇنچىو ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بەش ئاۋىئاتسىيە شىركەت سەنيادا«بىرلىكتە مەدەنىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش چوڭ مۇھىت بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى» نى ئىمزالاپ، مەدەنىي بولمىغان ساياھەتچىلەرگە چەكلەش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىئىگىلىنىشىچە، بەش ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قارمىقىدىكى بارلىق تارماق شىركەت بىرلەشمە باياناتىنىڭ چەكلەش مۇلازىمەت تەدبىرىنى ئىجرا قىلىدىكەن، ئومۇمىىي يولۇچى توشۇش ئىقتىدارى دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىئاتسىيە توشۇش ئىقتىدارىنىڭ % 80 تىن يۇقۇرى بولىدىكەن. ئۆتكەن يىلى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى«ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشىنى خاتىرىلەپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى بىلەن «مەدەنىي ساياھەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ساھە يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئىمزالاشتى. بۇ يىل يانۋار، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان« خەلق ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلار مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ باشقۇرۇش چارىسى» نى تارقاتتى.

  دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ساياھەت تارماقلىرى، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسى تارمىقىنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى خاتىرىلەش ، باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، «مەدەنىيەتسىز خاتىرىسى»گە كىرگۈزۈلگەن ساياھەتچىلەرگە چەكلەش تەدبىرى قوللىنىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى