باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇي شيۇجۇدىكى «نامرات ئوقۇغۇچىلارنى مېھمان قىلغۇزغان رەھبەر»لەردىن 20 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى

2016.02.01 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئاشكارىلانغان شيۇجۇ شەھىرى يوڭچياۋ رايونى جۇشيەنجۇاڭ بازىرى سوڭمياۋ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ياردەمنى قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل چىقىرىپ رەھبەرلەرنى مېھمان قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋەقەسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. نۆۋەتتە، شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىكتىن 20 نەپەر مۇناسۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەر بىر تەرەپ قىلىندى، رايونلۇق مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

  سەل ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مەلۇم بانكىنىڭ خېفېي تارماق بانكىسىنىڭ سوڭمياۋ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا نىشانلىق ئىئانە قىلىش مۇراسىمى سوڭمياۋ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمدا 30 نەپەر نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرى 1200 يۈەنلىك ياردەم پۇلىنى قۇبۇل قىلغان. ئارقىدىن 32 نەپەر بانكا خادىمى، ياردەمنى قۇبۇل قىلغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار، بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتىكى خىزمەتچى خادىملار، سوڭمياۋ كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ ئەزالىرى، سوڭمياۋ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات كومىتېتى ئەزاسى قاتارلىق 86 كىشى شۇ جايدىكى بىر ئاشخانىدا تاماقلانغان. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۇل تۆلەيدىغان چاغدا، بانكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پۇل تۆلىمەكچى بولغاندا سىلىق رەت قىلىنغاندىن كېيىن چىڭ تۇرۇۋالماي، بىللە كەلگەنلەر بىلەن كېتىپ قالغان.

  تاماق يېگەن ياردەم قىلغۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇلىنى تېخى ئالماي تۇرۇپلا، بۇ قېتىملىق تاماقنىڭ پۇلىنى يىغىش ئۈچۈن سوڭمياۋ باشلانغۇچ مەكتىپى ياردەمگە ئېرىشكەن 30 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىدىن ئالدىن 200 يۈەندىن جەمئىي 6000 يۈەن يىغقانلىقىنى بىلمىگەن.

  بۇنىڭغا قارىتا، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى شيۇجۇ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، يوڭچياۋ رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئىجرا قىلمىغانلىقتىن، ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش؛ يوڭچياۋ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نازارەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكتىن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش؛ يوڭچياۋ رايونلۇق مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، رايونلۇق مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىسى، يوڭچياۋ رايونلۇق جۇشيەنجۇاڭ بازىرى مەركىزىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ۋە نازارەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغان، يەنە تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىنى توسۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرغانلارغا ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىش؛ باشقا مەسئۇل كىشىلەرگە ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە جازا بېرىشنى قارار قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر