باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغانلاردىن ئاران 133 كىشى ھايات تۇرماقتا

2016.01.29 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-يانۋار جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغانلارغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ جەمئىيەت تىزىملىغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغانلاردىن ئاران 133 كىشى قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭى يۈز ياشتىن ئېشىپ كەتكەن.

  1937-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1938-يىلى 1-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ھازىر 78 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، بۇ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغانلارنىڭ يېشىنىڭ 78 ياشتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدا، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنى خاتېرىلەش سارىيى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئۆز كۆزى بىلەن شاھىد بولغان (ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بار) ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمى بويىچە، تىزىملانغان ھايات قالغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئارتۇق ئىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر