باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاش ئارقىلىق مۇسۇلمانچە يېمەك ـ ئىچمەكلەرنىڭ « ئارخىب»ىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ

2016.01.29 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق « مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى » رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە سانجى ئوبلاستى 2700دىن ئارتۇق كۆلەملەشكەن (كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بەشتىن ئارتۇق ) مۇسۇلمانچە يېمەك ـ ئىچمەكلەر ۋە يېمەك ـ ئىچمەك پىشىشقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىدا ئېلېكترونلۇق مەنبەسىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار يانفۇن بىلەن ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاش ئارقىلىق، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ خام ئەشيا سېتىۋېلىش ئەھۋالى، مۇسۇلمانچە ماركا ئىلتىماس قىلىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ نازارەت قىلالايدىكەن، شۇنداقلا توردا تاماق زاكاز قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر