باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.01.28 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27-يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق سانائەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ قوللاش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش بېكىتىلدى؛ «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2015» بىلەن «ئالاقە تورى +»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم فوند ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىش قارار قىلىندى؛ يېزىلاردىكى ئامانەت بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداشنى كۈچەيتىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە قوراللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، سانائەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرى-يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى، مۇھىم تېخنىكا جابدۇقلىرى، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا بولغان كىرېدىت قوللىشىنى زورايتىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى قوللايدىغان يېتەكچى پىكىر تۈزۈپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈم قەرزى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، رەنە قەرزى قاتارلىق يېشىل كرېدىتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، قوشۇۋېلىش قەرزى، ئەۋزەل پاي چېكى ۋە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان زايوم قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەبلەغ توپلاپ قايتا تەشكىللەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چوڭ كارخانىلارنىڭ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش، مەبلەغ سېلىش فوندى قۇرۇش، يەرلىكنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كاپالىتى، ۋاكالىتەن تۆلەش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇزاق ۋاقىت زىيان تارتقان، تۆلەش ياكى مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچەمگە يەتمىگەن ۋە تۈزەش ئىمكانىيىتى يوق كارخانىلار بىلەن قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي قىسقارتىپ، ئالاقىدار قەرز بېرىش تۈرلىرىدىن چېكىندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پاي ھوقۇقى، زايوم قاتارلىق بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يىغىشقا تېگىشلىك پۇل بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تەڭشەپ، نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بانكىلارنىڭ ناچار قەرز ئېلىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى تېزلىتىپ، قەستەن قەرز تۆلەشتىن قېچىش قىلمىشىنى جازالاپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە پەسەيتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر