ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-يانۋار، ھىندىستان يېڭى دېھلىدا جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، ھىندىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 67 يىللىقى تەبرىكلەنگەن. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند تەكلىپكە بىنائەن مۇراسىمغا قاتناشقان، ئۇ يەنە ھىندىستاندا ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن. ھوللاند فىرانسىيەنىڭ دۆلەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى باشلاپ پاراتقا كەلگەن. بۇ ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستاندىكى پاراتقا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.