خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى غەلبە قازىنىش باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى. 2016-يىلى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» باشلىنىش ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى، جۇڭگو تورى، جۇڭگو گېزىتى تورى، شىنلاڭ تورى، تېڭشۈن تورى، ۋاڭيى تورى، بۈگۈنكى باشماقالە قاتارلىق 10 تور بېكەت بىلەن بىرلىكتە، 2016-يىللىق «زوڭلىغا بىر ئېغىز گېپىم بار» پائالىيىتىنى باشلاپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ 2016-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاشكارا يىغىشقا باشلىدى. پائالىيەت 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
2016-يىلىغا قارىتا قانداق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىڭىز بار؟ ئىش بېجىرىش تېخىمۇ قولايلىق، سەپەر تېخىمۇ تېز، توردا مال سېتىۋېلىش تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ ياكى ماناننىڭ ئازراق، داۋالىنىش-دورا پۇلىنىڭ تۆۋەنرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ ھامان بىرەر ئارزۇ-ئۈمىدىڭىز بار، قېنى بۇ يەرنى بېسىپ، زوڭلىغا تەكلىپ بېرىڭ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى