باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى 32 مەكتەپ شىنجاڭغا كىلىپ سەنئەت كەسپىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.02.02 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى 32 مەكتەپ شىنجاڭدا ئىمتىھان نۇقتىسى تەسسىس قىلىپ، سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەردىن ئىمتىھان ئالىدىكەن.1- فېۋرال مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىگىلىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەق مەيداندا تىزىملىتىش ۋە كەسپىي ئىمتىھان ۋاقتى24- فېۋرالدىن 4-مارتقىچە بولىدىكەن، ئىمتىھان ئورنى بىر تۇتاش شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنىدىكەن.

  بۇ 32 مەكتەپنىڭ ئىچىدە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چۇڭچىڭ پوچتا - تېلېگراف تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت ئىككى تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمدىكى مەكتەپ، چىڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇبېي سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى قاتارلىق توققۇز تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمدىكى مەكتەپ، پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم- پەن ئەخلاق ئىنستىتۇتى، سىچۈەن سودا - سانائەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق 21 تولۇق كۇرس 3- تۈركۈمدىكى مەكتەپ بار ئىكەن.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ 32 مەكتەپنىڭ شىنجاڭدا تەسىس قىلغان ئىمتىھان ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسا، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzk.gov.cn)دىن تەكشۈرسە بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر