باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«پىدائىيلار تاكسى ئەترىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى تەبرىكلەندى(1)

2016.02.02 09:39   مەنبە: خەلق تورى

«پىدائىيلار تاكسى ئەترىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى تەبرىكلەندى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «تاكسى پىدائىيلار ئەترىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى 28-يانۋار «خان كۆۋرۈك» رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلدى .

  ئىگىلىنىشچە، كۇچا ناھىيەلىك «تاكسى پىدائىيلار ئەترىتى» 2015-يىل 28-يانۋار قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئەسلىدىكى 10كىشىدىن ھازىرقى 36كىشىگە كۆپىيىپ، 6مىڭ 560ئادەم \ قېتىم ياشانغانلار، مېيىپلار ۋە ئېغىر كېسەللەرنىڭ بېرىپ كېلىش ئېھتىياجىنى خالىسانە قاندۇرغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ، باققۇنچىسى يوق 20دىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئايدا بىر قېتىم يوقلاپ، ئۇلارغا 5500يۈەن قىممىتىدە ئۇن، گۈرۈچ، ماي قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزگەن .

  بۇ قېتىمقى «تاكسى پىدائىيلار ئەترىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ناھىيەلىك كۇچا خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتناش قىزىق لىنىيە پىروگراممىسىنىڭ خادىملىرى ، « تاكسى پىدائىيلار ئەترىتى» نىڭ ئەزالىرى، كۇچا « تاڭ نۇرى» مېيىپلار سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرى ،«تاكسى پىدائىيلار ئەترىتى» نىڭ ساخاۋىتىدىن مىننەتدار بولغانلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100گە يېقىن كىشى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، « تاكسى پىدائىيلار ئەترىتى»نىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ساخاۋەت ئىشلىرىغا قارىتا يۇقىرى باھالارنى بەردى، پائالىيەت ئاخىردا «تاڭ نۇرى» سەنئەت ئەترىتىدىكى ئارتىسلار سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق «تاكسى پىدائىيلار ئەترىتى»گە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى .

  سۈرەتتە: «تاكسى پىدائىيلار ئەترىتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى