خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋانىڭ شەرقىي قىسمىدا 30-يانۋار كەچتە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 12 كىشى قازا قىلغان.
موسكۋا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا 30-يانۋار كەچتىن 31-يانۋار سەھەرگىچە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت كەتكەن كۆلەم ئۈچمىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشقان، ئوت ئاپىتىدە زاۋۇتنىڭ 500 كۋادرات مېتىرلىق ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 12 كىشى ۋاقتىدا قېچىپ چىقالماي، ئوت ئىچدە قالغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئوت كەتكەن ئىمارەت بىر كونا تۇرالغۇ بولۇپ، شەخسكە تەۋە ئىكەن.
نۆۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا، ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى