يانۋارنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، چاغان قەدىمى تېخىمۇ يېقىنلىدى. چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىمۇ تۇنجى ھەپتە ئاخىرىنى كۈتۈۋالدى، يولۇچىلار ئېقىمى نىسبەتەن تۇراقلىق بولدى. ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى ھەپتىدە شىنجاڭنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىدە بايرامدىن بۇرۇنقى يولۇچىلار بېسىق مەزگىلى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ۋوگزالغا بارغۇچە بارىدىغان يولنى ئوبدان پىلانلىشىشى كېرەك ئىكەن.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى 31-يانۋار يولۇچىلارغا 2016-يىللىق شىنجاڭنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئاشقان پويىز بېلىتىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بەرگەن. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، يولۇچىلار بېسىق مەزگىلى چاغاندىن بۇرۇن 24-يانۋاردىن 6-فېۋرالغىچە، چاغاندىن كېيىن 14-فېۋرالدىن 3-مارتقىچە بولىدىكەن.