- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
توقسۇ -باي تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا 2016-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن ئىش باشلىنىدۇ
2016.02.01 14:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:28-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاقسۇ فۇخېڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېيجىڭدا توقسۇدىن باي ( شەھىرى)غىچە تۆمۈر يولى تۈرى قۇرۇش ۋە تىجارەت ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ توقسۇ- باي تۆمۈر يولىنىڭ يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پىلان بويىچە، توقسۇ -باي تۆمۈر يول تۈرىدە بۇ يىل ئىيۇندىن بۇرۇن ئىش باشلىنىدۇ.
توقسۇ-باي تۆمۈر يول تۈرى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى98.8 كىلومېتىر، جەمئىي 2مىليارد 710مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش مۇددىتى 38 ئاي، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى« 12-بەش يىللىق » يىرىك پىلانىنىڭ چوڭ تۈرى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش قۇرۇلۇشى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر