باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئاپېلسىن رەڭلىك ئېھتىيات ھالىتىگە كىردى

2016.02.01 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە تاراتقۇسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئاپېلسىن رەڭلىك ئېھتىيات ھالىتىگە كىرىپ، ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان چەتئەلنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا زەربە بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئاماسيا، ئەنقەرە، بالىكشەھىر، دىياربەكىر ۋە مالاتيادىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنىڭ ئاپېلسىن رەڭلىك ئېھتىيات ھالىتىگە كىرىشى ھەققىدە بۇيرۇق بېرىپ، ھەر ۋاقىت زەربە بېرىشكە تەييارلىق قىلدى.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 29-يانۋار كەچتە رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 29-يانۋار تۈركىيە زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى، تۈركىيە رادار قىسمى ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان تۈنۈگۈن كەچتە ئىستانبۇلدا تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. ناۋادا رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە داۋاملىق تاجاۋۇز قىلسا، رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر