- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تور سۇپىسى «e ئىجارە گۆھىرى»نىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دىلوسى تەكشۈرۈلدى
2016.02.01 13:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر يېرىم يىلدا 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان، زىيانغا ئۇچرىغان مەبلەغ سالغۇچىلار مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە تارقالغان. 14-يانۋار، بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان « eئىجارە گۆھىرى» (e زۇباۋ) سۇپىسىنىڭ 21 نەپەر دىلوغا چېتىشلىق خادىملىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «e ئىجارە گۆھىرى» سۇپىسىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى، يۈچېڭ گوروھى مۇدىرىيىتىنىڭ ئىجائىيە رەئىسى دىڭ نىڭ مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش، ئاممىۋىي ئامانەتنى قانۇنسىز جەلپ قىلىش، قانۇنسىز قورال ساقلاش ۋە باشقا جىنايەتكە چېتىشلىق بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قايسى جايلاردىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىمۇ بۇ دىلوغا چېتىشلىق بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر