باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ ئېگەي دېڭىزىدىكى مۇساپىرلار پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 39 ئادەم قازا قىلدى

2016.02.01 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى ئېگەي دېڭىزىدا تۈنۈگۈن مۇساپىرلارنىڭ پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قازا قىلغۇچىلار 39غا يەتتى.

  تۈركىيە تاراتقۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇزۇنلۇقى 17 مېتىر كېلىدىغان بىر پاراخوتقا سۇرىيە، ئافغانىستان ۋە بېرمىدىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئادەم چىققان، مۇساپىرلار ئولتۇرغان بۇ پاراخوت تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چاناق قەلئە ئۆلكىسىدىن گىرېتسىيەنىڭ لېسۋوس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتكەن. تۈركىيە دېڭىز مۇھاپىزەت ئەترىتى 62 ئادەمنى قۇتقۇزغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە دائىرىلىرى ئوغۇرۇلۇقچە چېگرىدىن ئۆتۈشكە تەشكىللىگەن تۈركىيەلىك بىر ئەرنى قولغا ئالدى.

  تۈركىيە دېڭىز مۇھاپىزەت ئەترىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2015-يىلى تۈركىيە دېڭىز ساھىلىدە 80 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۈركىيە ئارقىلىق گىرېتسىيە ئاراللىرىغا بېرىش سەپىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر