باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېپىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ 15 ئالتۇن مېدال، 11 كۈمۈش مېدال، 16 مىس مېدالغا ئېرىشتى

2016.02.01 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 30 – يانۋار غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. يېپىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ 15 ئالتۇن مېدال، 11 كۈمۈش مېدال، 16 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان: رەھبەرلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، تەرەپلەر زور كۈچ بىلەن قوللىغان؛ مۇسابىقە كۆلىمى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زور، قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان؛ مۇسابىقە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان، مۇسابىقە مەيدانىدىن غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزۈلمىگەن؛ باشلىنىش مۇراسىمى ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن؛ مېھمانلار قىزغىن كۈتۈۋېلىنىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنغان؛ ئىستېرېئولۇق، كۆپ ئېلېمېنتلىق تەشۋىق قىلىپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىلغان. مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بىزگە قىممەتلىك بايلىق قالدۇردى، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم، چوڭ مۇسابىقىلەر ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، شىنجاڭنىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتىنى، قار – مۇز كەسپىنى ۋە قىشلىق ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر