باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاممىغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزدى

2016.02.01 16:42   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاممىغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋىرى( شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 2-تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل»خىزمىتى بويىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزا داخان كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى دېھقانلار بىلەن خوشلىشىش،مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن تەييارلىغان 54 مىڭ 500 يۈەن پۇلنى بۇ كەنتىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر 155 ئائىلىگە ئىككى خىل نىسبەتتە سوۋغا قىلىپ، ئاممىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، جۇڭيى تىبابىتى ئىنىستىتوتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ماۋ شىنمىن سۆز قىلىپ دېھقانلارنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن كەنتىگە، دېھقانلارغا داۋاملىق ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقانلار خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان مېھىر-شەپقىتىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدى. كەنت مەسئۇللىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا لەۋھە تەقدىم قىلىپ، بىر يىلدىن بۇيان كەنتىنىڭ تەرەققىياتى، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى