باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى تۇنجى ھەپتە ئاخىرىنى كۈتۈۋالدى

2016.02.01 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يانۋارنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، چاغان قەدىمى تېخىمۇ يېقىنلاشتى. چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىمۇ تۇنجى ھەپتە ئاخىرىنى كۈتۈۋالدى، يولۇچىلار ئېقىمى نىسبەتەن تۇراقلىق بولدى. ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى ھەپتىدە شىنجاڭنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىدە بايرامدىن بۇرۇنقى يولۇچىلار بېسىق مەزگىلى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ۋوگزالغا بارغۇچە بارىدىغان يولنى ئوبدان پىلانلىشىشى كېرەك ئىكەن.

  ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى 31-يانۋار يولۇچىلارغا 2016-يىللىق شىنجاڭنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئاشقان پويىز بېلىتىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بەرگەن. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، يولۇچىلار بېسىق مەزگىلى چاغاندىن بۇرۇن 24-يانۋاردىن 6-فېۋرالغىچە، چاغاندىن كېيىن 14-فېۋرالدىن 3-مارتقىچە بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر