- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ليۇ يۈنشەن مەركىزى مەدەنىيلىك كومىتېتىنىڭ تۆتىنچى ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
2016.01.29 14:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تۈنۈگۈن تۆتىنچى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، غايە، ئېتىقاد تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ياخشى باشلىنىشقا ئىگە قىلىشنى ئىدىيىۋى كاپالەتكە، مەنىۋى ئوزۇققا، ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە پارتىيە مەركىزى كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز چۆرىدىلىپ، ئومۇمىيلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىنىپ، يېڭى كەيپىيات تىكلىنىپ، ئىجابى كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر