باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە جۇڭگوغا بولغان ۋىزا سىياسىتىنى كېڭەيتتى

تۇنجى قېتىم ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولغان ۋىزا بېجىرىلىدۇ

2016.01.29 18:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «كورېيە گېزىتى»نىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، كورېيەگە كېلىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر سانىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كورېيە قانۇن مىنىستىرلىقى 28-يانۋاردىن باشلاپ جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا تەلىپىنى ئالاھىدە قويۇۋېتىدىكەن.

  كورېيە قانۇن مىنىستىرلىقىنىڭ 27-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، 28-يانۋاردىن باشلاپ قويۇۋېتىلىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كورېيەگە كېلىدىغان كۆپ قېتىملىق بېرىپ كېلىش ۋىزىسىنىڭ ياش چەكلىمىسى ئىلگىرىكى 60 ياشتىن چوڭ بولۇش تەلىپى 55 ياشتىن چوڭ بولۇشقا چۈشۈرۈلگەن، بىر قېتىمدا چېگرىدىن كىرگەن ۋىزىنىڭ تۇرۇش مۆھلىتى ئىلگىرىكى 30 كۈندىن 90 كۈنگە ئۇزارتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئادۋوكات، پىروففېسسور، شىركەت كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىق ئاسپىرانتتىن يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە كىشىلەر 10 يىللىق مۆھلەتتىكى ۋىزىنى ئىشلىتەلەيدىكەن. 2016-يىلى يەنە «كورېيەدە زىيارەتتە بولۇش يىلى» بولۇپ، كورېيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ۋىزىنىڭ رەسمىيەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر