باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئۆلچىمىنى 7-قېتىم ئۆستۈردى

2016.01.29 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 - يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئۆلچىمى ھازىرقى ھەر كىشىگە ھەر ئايدا 380يۈەندىن 395 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 195 يۈەندىن 215 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 7 - قېتىم تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  27-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا يەنىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كاپالەت تەمىناتىنى مال باھاسى سەۋىيىسىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىچىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، قورامىغا يەتمىگەنلەر، بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېغىر دەرىجىدىكى مىيىپلار، ئېغىر كېسەل بىمارلىرى قاتارلىق تۆت خىل كىشىلەر پۈتۈن سوممىلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئالغان ئاساسىدا ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 10 يۈەنلىك كاپالەت پۇلى قوشۇلىدۇ.

  شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئورنىنىڭ باشلىقى يۈ جىيو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش بۇلتۇر 7-ئايدىن باشلاندى، قوشۇلغان پۇل بىر، ئىككىنچى-ئايلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالە پۇلى بىلەن بىر يولدا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ قولىغا بېرىلىدۇ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشىگە كاپالەت قىلىدۇ.

  ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان 12مىڭ 874 ئائىلە، 18مىڭ 870 ئادەم،يېزا تۆەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان 5254 ئائىلە،6847كىشى بار ئىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر