باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

بىر نىيەتتە ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى

__ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق ياراتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە

2016.01.27 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىدىغان يېڭى ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى. دۇنيا سەھنىسىدە ياڭرىغان جاراڭلىق چوڭ دۆلەت ساداسى، چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 28-سېنتەبىر نىيۇيوركتا 70-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلدى. 20 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش جەريانىدا، 15 قېتىم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ شۇ نۆۋەتلىك يىغىندىكى ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن كۆرۈنۈش بولۇپ تارىخ بېتىدە ساقلاندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تەشەببۇس قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق ياراتتى. دۇنيا سەھنىسىدە، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇشتەك ئوبرازىنى نامايان قىلدى. مۇھىم، چوڭ خەلقئارا ئىشلار ئالدىدا پائال يېتەكچى رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ بىر قاتار قوش تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ دىپلوماتىيە سورۇنلىرىدا كۆپ قېتىم ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تۇرغۇزۇشنى تەكىتلەپ، جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭگو - پاكىستان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى، ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  شى جىنپىڭ ب د ت سەھنىسىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بارار مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ، بىر-بىرىگە يول قويىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئادىل، ھەققانىي، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بىخەتەرلىك ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش، ئېچىۋېتىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، كەڭ قورساقلىق بىلەن بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەرەققىيات كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىناق ئۆتۈپ، قوشۇلۇپ كەتمەيدىغان، ھەممىنى تەڭ قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەبىئەتنى ھۆرمەتلەيدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئورنىتىش ــــــ قاتارلىق «بەش بىر گەۋدىلەشكەن»، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتەك باش ئورۇنلاشتۇرما ۋە يول، جۇڭگونىڭ دۇنيا كەلگۈسى ۋە ئۆز تەرەققىيات يولىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى ۋە تاللىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە ئايلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر