باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسكىنلىك بىلەن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرايلى

__ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە

2016.01.29 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنە 150 نەچچە تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش... يېڭى يىل باشلىنىش بىلەن نەچچە قېتىم ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بىر قارالما مۇزاكىرە قىلىندى، ئۇ بولسىمۇ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» باشتىن-ئاخىر ئىسلاھات-تەرەققىياتتىكى مۇھىم سۆزگە ئايلاندى. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھۆكۈمەت بىلەن بازار مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، باشقۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش مۇقىم ئېشىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ئاساسىغا ئايلاندى. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ــــ تەستىق تۈرلىرىنى ئازايتىپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بولۇپلا قالماستىن يەنە، كەسكىنلىك بىلەن ئۆزىنى يېڭىلاش، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتەك ھالقىشتۇر.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەر مۇقىم يولغا قويۇلدى. گوۋۇيۈەن ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تۆۋەنگە بەردى، مەمۇرىي تەستىق ئىجازىتىدىن باشقا تەستىق تۈرلىرىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت 1/3 دىن ئارتۇق تەستىق تۈرلىرىنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن تاماملاشقا ۋەدە بەردى. مەركەز مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىدىن %76 ئازايتىپ، ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇردى. سالاھىيەت ئىجازەتنامىسىنى بېكىتىش ۋە ئۆلچەمگە يەتكەنلىكىنى باھالاش تۈرلىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. بولۇپمۇ سودا-سانائەت تىزىملىتىشتا «ئالدى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىپ، ئاندىن ئىجازەتنامە بېجىرىش» يولغا قويۇلۇپ،%85 ئالدىن تەستىقلاش تۈرى كېيىن تەستىقلاش تۈرىگە ئۆزگەرتىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر