خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى/ فوتوسى):چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، «ياخشى ئىش مەندىن باشلانسۇن» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق رادىئو ئىستانىسى بىرلىكتە خۇش تىلەك تېز تاماقخانىسىدا بىر قېتىملىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش نەق مەيداندىن تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.پائالىيەتتە «ياخشى ئىش مەندىن باشلانسۇن» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان كورلا ئاق كۆۋرۈك سودا چەكلىك شىركىتى، خەندان سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى،خۇش تىلەك تېز تاماقخانىسى، راۋاز سودا شىركىتى،ئەل سۆيەر سىرچىلىقى، قۇتيول ئېلانچىلىقى، قىياپەت ئەرلەر سالۇنى قاتارلىق 13 كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچى ئائىلىسىسدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 10 نەپەر تازلىق ئىشچىسىغا 3400 يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ھەمدە ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى ئىزچىل تۈردە ياخشى ئىش قىلىۋاتقان سەككىز نەپەر تاكسى شوپۇرىنى ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىدى.
سۈرەتتە: ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى