باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 126:120 نەتىجە بېيجىڭ پاي كونترول گوروھى كوماندىسىنى تەستە يەڭدى

2016.02.01 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31- يانۋار كەچتە، شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى يەنە بىر قېتىم قارشى تەرەپ مەيدانىدا بېيجىڭ پاي كونترول گوروھى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئاخىرقى بۆلەكتە 11 نومۇر ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 126:120 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، ئالدىنقى مەيداندىكى مەغلۇبىيەت كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى.

  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى گەرچە بۇ ئاچقۇچلۇق جەڭدە غەلبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كوماندىنىڭ روھىي ھالىتى يەنىلاتۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. بۇ ھالەتتە شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئادەتتىكى مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئىنتايىن قىيىن. ئەگەر چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىسە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىدە بەلكىم ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيون بېيجىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا تۇرماقتا، تىخىمۇ كەسكىن رىقابەت ئالدىدا شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى جەزمەن ئاخىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ياخشى تەڭشەش كېرەك، مانا بۇ شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجە بويىچە چېمپىيون بولۇش ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر