خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى) 30- يانۋار يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى ھامۇتجان ھوشۇرنىڭ «ئاۋام كىتابخانىسى» يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ياش خەتتات، يازغۇچى مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگنىڭ ھۆسنىخەت شەكلىدە يېزىپ يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن «ئوغۇزنامە»، «نەسىھەت ئامما» ۋە «ئەتەبەتۇلھەقايىق»قاتارلىق ئۈچ يۈرۈش كىتابى،شائىر ئابدۇقېيۇم تۇرادىن مەجنۇننىڭ «ۋېناسقا مەكتۇپ»ناملىق شېئىرلار توپلىمى، ئاتاقلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ «خوتەن قەغىزى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى»ناملىق كىتابىنى ئىمزالىق سېتىش ۋە ئېتىبار باھالىق كىتاب سېتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بويىچە نەقمەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈپ،ئاۋامغا مەنىۋى خۇشاللىق ئاتا قىلدى.
سۈرەتتە:پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى