باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بوكىس ئەزىمىتىمىز زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى بىلەن تونۇشقىڭىز بارمۇ؟

مۇشتنى چىڭ تۈگ زۇلپىقار، ساڭا ئەل-يۇرت مەدەتكار

2016.02.01 14:51   مەنبە: خەلق تورى

مۇشتنى چىڭ تۈگ زۇلپىقار، ساڭا ئەل-يۇرت مەدەتكار

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 2016-يىلى30-يانۋار كەچتە شاڭخەي دۇڭفاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە «پالۋان قايتىپ كەلدى، بوكىسنىڭ قەد كۆتۈرۈشى» بوكىس ئالاھىدە ھەپتىلىكى بوكىس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. جۇڭگو خەلقى جۈملىدىن شىنجاڭ خەلقى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-يۈرۈش قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. چۈنكى بۈگۈنكى مۇسابىقىدە يۇرتىمىزنىڭ پەخرى، ئۈمۈدلىك ياش ماھىرى، تا ھازىرغىچە تۆت مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بىرلەشمىدىكى «رەقىبىنى ئەڭ تېز يەرگە يېقىتىش رېكورتى»نى ياراتقان، بوكىسچىمىز زۇلپىقار مۇھەممەدئېلى ئۇچىسىغا ئەتلەسنى زىننەت قىلغان تون، ئىككى قولىغا بوكس پەلىيى كىيىپ 76 كىلوگىراملىقلارنىڭ ئالتە ئايلانمىلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسدىلا ئاۋىستىرالىيەلىك رىقابەتچىسى ستىۋېنغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئۇنى يەر چىشلىتىپ، بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىكى يەنە بىر يارقىن يۇلتۇزغا ئايلانغانىدى. تېلېۋىزور ئالدىدىكى نەچچە مىليونلىغان خەلق ئۆزىنىڭ بۇ جاسارەتلىك پەرزەنتىدىن چەكسىز سۆيۈندى. ئۇ كەسپىي بوكىسقا قاتناشقان ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالتە مەيدان ئۇتۇپ،بىر مەيدان تەڭلىشىپ، تۆت قېتىم رەقىبىسىنى ئۆرىدى. كېلەر قېتىمقى مۇسابىقىسىدە بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيا ياشلار ئالتۇن كەمىرى»گە جەڭ ئېلان قىلماقچى.

  زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى 2015-يىلى 24-ئاپرېلدا بېيجىڭ پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن، خەلقئارا بوكسچىلار جەمئىيىتى (WBA) نىڭ ئالتە ئايلانمىلىق مۇسابىقىسىدە تايلاندلىق ماھىر خۇۋانا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي بوكسچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى يەرگە يىقىتىپ غەلىبىگە ئېرىشكەنىدى.  خەلقئارا بوكسچىلار جەمئىيىتىنىڭ شەخسلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ مۇسابىقىسى ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۈچ مىنۇتتىن بولىدىغان، 4، 6، 8، 10، 12 قېتىم ئۇچرىشىش بويىچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئالتۇن كەمەر تالىشىدىغان مۇسابىقە ئىدى. بۇنىڭدا بوكس ماھىرلىرى دەسلەپتە تۆت ئايلانما مۇسابىقىگە چۈشۈشتىن باشلاپ قاتارغا قوشۇلۇپ، بۇ تۈردە يېڭىپ چىقسا، بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئالتە ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئۆتكەلنى ساقلاپ تۇرغان ماھىرغا جەڭ ئېلان قىلاتتى، مۇشۇ تەرىقىدە ئەڭ ئاخىرقى 12 ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئالتۇن كەمەرنى تالىشاتتى.

  زۇلپىقارنىڭ كەسپىي نەتىجىسى ۋە سەۋىيەسىگە ئاساسەن، ئۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا ئالتە مەيدان ئېلىشىش ئۆتكىلىدىكى تايلاندلىق ماھىر بىلەن ئۇچراشتى. زۇلپىقار مۇسابىقىدە خۇۋاناغا ئەجەللىك نەچچە مۇشت ئېتىپ، رەقىبىنى بىر نەچچە رەت دەلدەڭشىتىپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن خۇۋانا ئوبدانلا تەمتىرەپ قالدى. زۇلپىقار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 5-قېتىملىق ئۇچرىشىش ئاخىرلىشىش ئالدىدا توختىماي بىرىكمە مۇشت ئاتتى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ھەم دەل جايىغا ئاتقان مۇشتلىرى خۇۋانانى ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالدى. رېپېر ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، دەرھال مۇسابىقىنى توختاتتى. زۇلپىقار مۇسابىقىدە غەلىبە قىلدى، بۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بوكسچىلىرىنىڭ كەسپىي بوكس سەھنىسىدە تۇنجى قېتىم رەقىبىنى يەرگە يىقىتىپ غەلىبە قىلىشى ئىدى.زۇلپىقار مۇھەممەتئېلى 1994-يىلى 6-ئايدا مەكىت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەتئېلى ناھىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن بوكس مەشقاۋۇلى ئىدى، مۇھەممەتئېلى بوكسچىلىق كەسپىدە ئۆزى يېتەلمىگەن ئارزۇلىرىغا ئوغلىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، زۇلپىقارنى كىچىكىدىن تارتىپ تەربىيەلەشكە كىرىشكەن، زۇلپىقارمۇ دادىسىنىڭ تەسىرىدە ئېسىنى بىلىپلا بوكس مەشىق قىلىشنى باشلىۋەتكەنىدى.

  زۇلپىقار 12 ياشقا كىرگەندە بوكسنىڭ ئاساسىي ماھارەتلىرىنى خېلى پۇختا ئىگىلەپ بولۇپ، ئۆزىنى چوڭ شەھەرلەردە مۇنتىزىم تەربىيەلەش توغرىسىدا دادىسىنىڭ «بېشىنى ئاغرىتىش»قا باشلىدى، دادىسى ئوغلىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تېخى بالىلىق ئويۇنلىرىغا قانمىغان زۇلپىقارنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئەكېلىپ بەردى.

  زۇلپىقار تەنتەربىيە مەكتىپىگە كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ مەشىق قىلدى ھەمدە ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 2008-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ شۇ يىلى تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا تاللىنىپ، مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىم قاتارلىق ئۇستازلىرىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى ئارقىسىدا كەسپىي جەھەتتە تېز ئالغا باستى ھەم شۇ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، 16 ياشقا كىرگەندە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىدە بوكسچىلىقتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان كۇبا ماھىرىنى يېڭىپ، مەرھۇم ئۇستازى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ۋە ئابدۇشۈكۈر مىجىت قاتارلىقلارنى ئىنتايىن خۇش قىلىۋەتتى. ئۇ يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك بوكس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، چېمپىيونلۇقنىڭ تاتلىق تەمىنىمۇ، مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنىمۇ ئوبدانلا تېتىدى.

  زۇلپىقار 20 ياشقا كىرگەندە، ئېغىرلىقىمۇ، تېخنىكىسىمۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئاشتى. ئەڭ مۇھىمى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆزى ئۈچۈن جاپا تارتقان ھەر بىر كىشىگە ياخشى نەتىجە بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى كۈچىيىپ، ھەر قانداق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى قولدىن بەرمىدى. گەرچە ئۇ بۇلتۇر قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە 2-بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ چېمپىيون بولۇش ئارزۇسى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، ئاخىرى كەسپىي بوكس ئويناشنى ئۆزىگە نىشان قىلدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ شاڭخەيدىكى «شېڭلىشىجيا» بوكس كۇلۇبىنىڭ تەكلىپى بىلەن شاڭخەيگە كېلىپ، دۇنياغا داڭلىق تىرېنېر مارىئونىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشىپ، تېخنىكا سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى.

  زۇلپىقار بوكسچىلىق ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن دەسلەپتە مەشىقنىڭ ئېغىرلىقى، تېخى كىچىك تۇرۇپ ئاتا-ئانام، ئىللىق ئائىلەمدىن ئايرىلىپ، باشقا دوستلىرىمدەك كۈلۈپ خۇشال ئوينىيالمىغىنىمدىن ئۆكۈنۈپ، بۇ كەسىپتىن ۋاز كېچىش ئويىغىمۇ كەلگەنىدىم، لېكىن دادامنىڭ مېنى دەپ خىزمەتتىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىپ ماڭا مەدەت بېرىشى، شىنجاڭدىكى ئۇستازلىرىمدىن ئابدۇشۈكۈر مىجىت ئاكام بىلەن ئەكرەم ئىسھاق ئاكامنىڭ مېنى ئەستايىدىل تەربىيەلەپ مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يەنىلا نىيىتىمدىن ياندىم.

  ئابدۇشۈكۈر ئاكام دائىم بىزگە «غەلىبە ھامان ھەر ۋاقىت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ»، دەيتتى. بۇ گەپنىڭ تېگىگە ئەمدى يەتتىم، 2013-يىلى 4-ئايدا مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 2-بولدۇم، 1-بولغان ماھىر ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشالماي ماڭا ناھايىتى ياخشى پۇرسەت كەلگەنىدى، لېكىن مېنىڭ تەييارلىقىم بولمىغاچقا، بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇم. مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابلىكىم ئاكىمۇ بىزگە «مۇسابىقىدە باھانىنىڭ كېرىكى يوق»، «چېمپىيون بولغاندىن كېيىن قىلغان قۇرۇق گەپلەرمۇ ئۇلۇغ گەپكە ئايلىنىدۇ، چېمپىيون بولماي تۇرۇپ قىلغان ئۇلۇغ گەپلەرمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىدۇ»، دەپ تەربىيە بېرەتتى. مەن بۇ سۆزنى ئۆزۈمگە قىبلىنەما قىلىپ كەلدىم. بۇلتۇر چېمپىيونلۇققا يېقىنلاشقان بولساممۇ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇم. بىراق مەن بۇنىڭلىق بىلەنلا بەل قويۇۋەتمىدىم، بەلكى ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. مەن ھازىر كەسپىي بوكسچىلىق ھاياتىمنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسىدە غەلىبە قازاندىم، بۇ غەلىبەم شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئۇستازلىرىمنىڭ ئالتە يىل ماڭا ئاساسنى پۇختا سالغانلىقىدىن بولدى. ئۇستازلىرىم ۋە مېنى قوللىغان ۋەتىنىم، خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ۋاقتىم كەلدى، مەن چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 7 -، 8-ئايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سەككىز قېتىم ئۇچرىشىدىغان مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ئاسىيانىڭ ئالتۇن كەمىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ئالتۇن كەمىرىگە ئېرىشىش، شىنجاڭغا، جۈملىدىن مېنى تەربىيەلەۋاتقان ۋەتىنىمگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

  زۇلپىقارنىڭ دادىسى مۇھەممەتئېلى قادىر مۇنداق دېدى: ئوغلۇم زۇلپىقارنىڭ بۇ نەتىجىلىرىدە دۆلەتنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ئەجرى كۆپ، بىز پەقەت مۇشۇنچىلىكلا قىلىپ بېرەلەيمىز، قالغىنى ئوغلۇمنىڭ ئىرادىسى، غەيرەت-شىجائىتىگە باغلىق، مەن ئۇنىڭ ئىرادىسىگە، خەلقنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئۇ چوقۇم ھەممىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدۇ.

  زۇلپىقار ئۆز كەسپىدە تېز ئىلگىرىلەپ، مەملىكەتلىك، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمدىلا 21 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان زۇلپىقار كەسپىي بوكسچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى قەدىمىنى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇستازلىرى سۆيۈنگۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىدا ئالتۇن كەمەرنى نىشان قىلىپ، دۇنيا بوكس سەھنىسىدە دىيارىمىزدىن چىققان يەنە بىر چولپان بولۇپ كۆزنى چاقنىتىشىغا تىلەكداشمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى