باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىللىق«تۈلكە ئوۋلاش»ھەركىتىدە جەمئىي 857نەپەر چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن كىشى تۇتۇلدى

ج خ مىنىستىرلىقى چېگرا سىرتىدا تۇتۇش خىزمىتى ئىدارىسى قۇردى

2016.01.29 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 - يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە: چېگرا سىرتىدىكى زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، چېگرا سىرتىدا تۇتۇش خىزمىتى ئىدارىسى قۇردى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، 2016-يىللىق«تۈلكە ئوۋلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ نورماللىشى، كەسىپلىشى ۋە ئىنچىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىمىز.

  2015-يىلى ئاپرېلدىن دېكابرنىڭ ئاخىرغىچە، ج خ مىنىستىرلىقى مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى تەشكىللەپ2015-يىللىق«تۈلكە ئوۋلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، چېگرا سىرتىغا 50 نەچچە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، چېگرا سىرتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشى بىلەن، 66 دۆلەت ۋە رايوندىن 857 نەپەر چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن كىشىنى مۇۋەپىقىيەتلىك قولغا چۈشۈردى. بۇلار ئىچىدە، 477 نەپەر قولغا ئېلىنغان، 366 نەپەر ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، 14 نەپەر باشقا جايدا سۈرۈشتۈرۈلگەن؛ قولغا ئالغان قاچقۇنلارنىڭ دىلوغا چېتىلىدىغان پۇل سوممىسىدىن قارىغاندا، نەچچە 10 مىليون يۈەندى ئاشقان 212 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە، يۈز مىليوندىن ئاشقانلار 58 نەپەر. چېگرا سىرتىغا قاچقان ۋاقتىدىن قارىغاندا، قېچىپ بەش يىلدىن ئاشقان 667 نەپەرنى قولغا ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 10 يىلدىن ئاشقانلار 39 نەپەر، ئەڭ ئۇزاق قاچقان ۋاقتى 2 يىل.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر