- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت: سۈرىيە توقۇنۇشىدا 250 مىڭ ئادەم قازا قىلدى، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىماقتا
2016.01.29 18:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28-يانۋار تېلېگراممىسى: ب د ت تورىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئوبراين 27-يانۋار خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بىر قېتىملىق يىغىندا بىلدۈرۈپ: ئۆتكەنكى بەش يىلدىن كۆپ ۋاقىتتا، سۈرىيەلىكلەر 21-ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ ياۋايى، ئەڭ رەھىمسىز توقۇنۇشلارنىڭ بىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. ب د ت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بويىچە ھەمكارلاشقۇچىلار سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بەرمەكچى بولسىمۇ، بىراق، سۈرىيەدىكى توقۇنۇش ئېلىپ كەلگەن ھەر تەرەپلىمە بېسىم ۋە چەكلىمىلەر تۈپەيلى ياردەم يوللىرىدا توسالغۇغا ئۇچرىدى، 2015-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا پەقەت %10 ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىلا ئاخىرقى نىشانغا بارالىدى، دېگەن.
ئوبراينمقو يىغىندا كۆرسىتىشىچە، بەش يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئىچىدە سۈرىيە توقۇنۇشىدا 250 مىڭ ئادەم قازا قىلغان، بىر مىليوندىن كۆپ ئادەم يارىلانغان، سۈرىيە چېگرىسىدا 6 مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، سەرسان-سەرگەردان بولغان. ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە يەنە 4 مىليون 600 سۈرىيەلىك مۇساپىر بار بولۇپ، سۈرىيەنىڭ باشقا تەخمىنەن 13 مىليون 500 مىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر