خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (جىڭ ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدىن قۇربانجان مامۇت خەۋىرى) يېقىندا، جىڭ ناھىيەسىنىڭ 3-قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پۇتبول مۇسابىقىسى» غەلبىلىك ئاياغلاشتى. مۇسابىقىگە جىڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازار ۋەكىللىرى ۋە ناھىيەلىك چارلاش ئوتتۇرا ئەترىتى بولۇپ جەمئىي 5 كوماندا قاتناشتى.ئىككى كۈنلۈك بۇ مۇسابىقىدە، جىڭ ناھىيەلىك بىڭخې ئاھالىلەر رايون ۋەكىللەر كوماندىسى چىمپىيونلىققا ئېرىشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى