باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رىياسەتچى كۆزىگە سىغمىغانلىقتىن ترامپ تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى

2016.01.29 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق يەر-زېمىن ماگناتى دونالد ترامپ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زوڭتوڭ نامزاتى بىلەن بولىدىغان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغان، سەۋەبى مۇنازىرىنىڭ رىياسەتچىسىنىڭ ترامپقا «ئاداۋىتى بار» ئىكەن.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زوڭتوڭ سايلىمى نامزاتى تېد كرۇز ئۇنى «گۆدەك» دەپ زاڭلىق قىلدى، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن «بىردە بىر ئېلىشىش»نى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ترامپنىڭ دېيىشىچە، فوكس خەۋەر قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى مېكىن كېللىنىڭ ترامپقا «ئاداۋىتى بار» ئىكەن، كېللى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بۇ بىر مەيدان مۇنازىرە ئېنىقلا ياخشى ئىش ئەمەسكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 8-ئايدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە كېللى ترامپتىن ئۇدا بىر قانچە ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى سورىغان، بۇ ئىشتىن كېيىن ترامپ بۇنىڭغا قارىتا ناھايىتى زارلانغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر