باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 2016-يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆ‎ججىتى ئېلان قىلىندى

2016.01.28 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان مەركەزنىڭ 18-يۈرۈش 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 27-يانۋار بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ئېلان قىلدى.

  «ھۆججەت»نىڭ تېمىسى «تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» بولۇپ، «ھۆججەت»نىڭ تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 15 مىڭ خەت، جەمئىي ئالتە بۆلەك، 30 ماددىغا بۆلۈنگەن، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش؛ بايلىقنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش؛ پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  ھۆججەتتە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، دېھقانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى يېزىلاردىكى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسى ئارقىلىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى يېڭى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سالمىقىنى زورايتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ساقلاش، ھاسىلاتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەھسۇلاتى بىخەتەر، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ بىر-بىرىگە تۈرتكە بولۇپ ئالغا سىلجىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتناشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر