باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى

قارا نوپۇسلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى

2016.01.29 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 28 - يانۋار ئېچىلغان تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇسنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : مەركەزنىڭ روھىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، مۇۋاپىق قويىۋېتىلگەن نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ ساھە، تېخىمۇ زور دائىرىدە ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىم توپلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆرلەپ ئوقۇغان يېزىلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەربىي سەپكە قاتناشقانلارنىڭ شەھەرگە كىرگەن نوپۇسى، شەھەر- بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە ئولتۇراقلاشقان ۋاقتى بەش يىلدىن يۇقىرى ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆچۈپ يۈرۈيدىغان يېزا ئىگىلىك كۆچمە نوپۇسى قاتارلىق تۆت خىل توپنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر-بىرلەپ نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ، بىر-بىرلەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. نۇقتىلىق رايونلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ھەر قايسى جايلار، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەر ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىدىكى شەھەر - بازارلارنىڭ شەھەر ئورنىنى بەلگىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى ئاساسىدا، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈپ، رايون ۋە باسقۇچقا بۆلۈپ ماكانلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. نوپۇسنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى تۆۋەن بولغان شەھەرلەر نوپۇسنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشى بىلەن « ئۈچ ھوقۇق » نىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر