باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى دوستلار چەمبىرىكىدە پىل چىشى سېتىش گۇرۇھىنى پاش قىلدى

2016.02.01 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا، شىنجاڭ ئورمانچىلىق ج خ ئىدارىسى بىر قانۇنسىز خەۋپ ئاستىدا قالغان قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى جىنايى دېلوسىنى پاش قىلدى، دېلونى پاش قىلىش خىزمىتى يېرىم يىل داۋاملىشىپ، ئۈرۈمچىدىن يول بويى شاڭخەي، فۇجيەن، ئاخىر گۇاڭشى دوڭشىڭغىچە ئىز قوغلاپ ئاخىرى ئاساسىي جىنايەتچىنى قولغا ئالدى.

  28-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان ج خ ئىدارىسى قانۇنچىلىق تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2014-يىلى 10-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئورمان ج خ ئىدارىسى ئورمان ۋە ياۋايى ھايۋانلار بايلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايى ھەركەتلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. خەلق ساقچىلىرى تور سۇپىسىدا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈردى. 15-يانۋار، تەھقىقلىگۈچى بىر ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدە پىل چىشى بۇيۇملىرىنى سېتېشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بايقىغان ۋە ئۇچۇرغا ئاساسەن، قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنى قوشتى.

  بۇ پىل چىشى بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان كىشىنىڭ فامىلىسى ليۇ X، ئۆيى باگاڭدا ئىكەن. ليۇ فامىلىلىكنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ ماللارنىڭ ھەممىسىنى ۋاڭ ×دىن سېتىۋالغان ئىكەن، ليۇ ×نىڭ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ساقچىلار شاڭخەيدە ۋاڭ × نى قولغا ئالدى. ۋاڭ × نىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ساتقان پىل چىشى بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى فۇجيەنلىك فاڭ× مال بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان ج خ ئىدارىسى يېرىم يىل سەرپ قىلىپ، ئاخىرى ئەتكەسچىلەرنى بىراقلا تورغا چۈشۈرگەن، دېلوغا چېتىلغان كىشى20 دىن ئاشقان. بۇ ئورمانچىلىق ج خ ئىدارىسى قۇرۇلغان 37 يىلدىن بۇيان پاش قىلغان تۇنجى پىل چىشى، كەركىدان مۈڭگۈزى، يولۋاس تېرىسى قاتارلىق قىممەتلىك خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملىرىنى ئېلىپ-سېتىش دېلوسى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر