باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن پورتتىدە يۈز بەرگەن 12-ئاۋغۇست ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2016.02.05 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تيەنجىن پورتىدىكى رۇيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتىدىن پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى 4-فېۋرال ئېلان قىلىندى، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 165 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 8 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى،798 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 6 مىليارد 866 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان بولغانلىقى، بۇنىڭ بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.

  بۇ قېتىمقى ۋەقەدە جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ رەسمىي ۋەزىپىدىكى 24 ئۆت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر، ئەسكىرى ۋە تيەنجىن پورتىنىڭ 75 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، تيەنجىن پورتىنىڭ بەش ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى يوقاپ كەتتى، ئەينى چاغدا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى سۇ بىلەن ئۆچۈرۈمىز دەپ تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى دېگەن گۇمانغا قارىتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر جەھەتتىن نەق مەيداندا ئوت كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نىترو پاختىنى سۇ ئارقىلىق ئۆچۈرگىلى بولىدۇ، پارتلىغان ماددا ناترىي نىتراتمۇ سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ، شۇڭا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سۇ بىلەن ئۆت ئۆچۈرۈشى پارتلاشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوق دەپ يەكۈن چىقىرىلدى.

  ھېسابلىنىشىچە، بۇ قېتىمى ۋەقەدە پارتلاشنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 450 توننا TNTنىڭ مىقدارىغا توغرا كېلىدىكەن، 304 كورپۇس بىنا زىيانغا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پىلان، زېمىن تارماقلىرىنىڭ رۇيخەي شىركىتىنىڭ قانۇنسىز پىلان ئىجازىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپى جىنايەتكە چېتىشلىق نازارەت باشقۇرۇش تارماقلىرى، كارخانىلارنىڭ بار ئىكەنلىكى ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، پارا يەپ قانۇننى بۇزغانلىقى ئايان بولدى.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش تيەنجىن شەھەرلىك قاتناش كومىتېتى، تيەنجىن تاموژنىسى، تيەنجىن شەھىرىدىكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى قاتارلىق شەھەر ۋە رايون دەرىجىلىك تەخمىنەن 10 تارماققا چېتىلىدۇ.

  نۆۋەتتە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالاقىدار كارخانىنىڭ 24 خادىمىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى ھەمدە جىنايى ئىشلار مەجبۇرىي تەدبىرى قوللاندى،تەپتىش ئورگانلىرى 25 مەمۇرىي تەپتىش ئوبيېكتىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى ھەمدە جىنايى ئىشلار مەجبۇرىي تەدبىرى قوللاندى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ۋە ۋەقەدىكى مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 123 مەسئۇل كىشىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كىشىدىن بەشى، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك كىشىدىن 22 سى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر