چاغاندىن بۇرۇنقى 10 كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۇنىۋېرىسال توشۇش مىقدارى 740 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يەتتى
2016.02.04 18:11 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 24-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە بولغان چاغاندىن بۇرۇنقى 10 كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى ۋە ھاۋا يولىدا ئۇزىتىلغان يولۇچى مىقدارى 740 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %2.5 ئاشقان. مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى تۆت كۈندە، چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ئەڭ بېسىق مەزگىلى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، كۈندىلىك يولۇچى ئۇزىتىش مىقدارى 82 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يېتىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر