باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنى

2016.02.05 14:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، 250 مىڭدىن كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھازىر سۈرىيە ئىچى ۋە سىرتىدا تەخمىنەن 13 مىليون 500 مىڭ كىشى ئىنسانىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

  قوشنا دۆلەتلەرگە پاناھلانغان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 4 يېرىم مىليوندىن كۆپ بولۇپ، 2011-يىلى مارت ئېيىدىن 2015-يىلى نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 819 مىڭ 599 نەپەر سۈرىيەلىك مۇساپىر ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە پاناھلىنىشنى تەلەپ قىلغان. 2015-يىلى يىل ئاخىرىدا ئىستاستىكا قىلىنىشىچە، سۈرىيەلىك مۇساپىرلاردىن تۈركيەدە 2 مىليون 503 مىڭ، لىۋاندا 1 مىليون 69، ئىئوردانىيەدە 635 مىڭ 324، ئىراقتا 245 مىڭ، مىسىردا 117 مىڭ نەپەر سۈرىيەلىك مۇساپىر پاناھلانماقتا.

  سۈرىيەدە 2011-يىلى 7-مارتتا باشلانغان قالايمىقانچىلىقتىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىچكى توقۇنۇش، ئۇرۇش نەتىجىسىدە ھازىرغا قەدەر 7 مىليوندىن كۆپ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان، 4 يېرىم مىليون كىشى مۇساپىر بولۇپ دۆلىتىدىن ئايرىلغان. 1200 دانە مەسچىت، 60 دوختۇرخانا تامامەن ۋەيران بولغان. 5 مىڭ مەكتەپ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

  سۈرىيەدە 2011-يىلى خەلق ئىنقىلابى باشلانغاندىن بۇيان كۆپ ساندىكى ئولتۇراق ئاھالىلەر رايونلىرى ھۇجۇم ۋە توقۇنۇش تەسىرىدە زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. 315 مىڭ ئۆي تامامەن ۋەيران بولغان. 500 مىڭ ئۆي ماددى جەھەتتە زىيانغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە 7 مىليون كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان، ئۆي-ماكانلىرى زىيانغا ئۇچراپ، يۇرتلىرىدىن كۆچۈپ كەتكەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 4 يېرىم مىليوندىن ئاشقان.

  يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 1200 مەسچىت ۋە 60 دوختۇرخانا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە ۋەيران بولۇپ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا 500 نەپەر دوختۇر ۋە سەھىيە خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان. نۇرغۇنلىغان دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچىلار باشقا يۇرتلارغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر