باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئوڭشاش پىلانلاندى

2016.02.05 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىتىنى ئوڭشاش ھەرىكىتى ۋە گۈزەل ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيەلەرنىڭ يېزا-كەنت قۇرۇلۇش پىلانى ۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ لايىھەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇش پىلانى ئىجازىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بەش يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  ناھىيە، شەھەر، يېزا-كەنت قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ نىشانى: 2020-يىلى بارلىق ناھىيە، شەھەرلەر ناھىيە، شەھەر، يېزا-كەنت قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈش ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تاماملاپ بولۇش، يېزا-كەنت سىستېمىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، يېزا-كەنت مەھەلىلىرىنى باشقۇرۇش دائىرىسىنى ئېنىق ئايرىپ، يېزا-كەنت ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇش تۈرىنى بېكىتىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئوڭشاش پىلانىنى رايونلار، تۈرلەر بويىچە تۈزۈش كېرەك.

  يېزا-قىشلاقلار پىلانىنىڭ نىشانى: 2020-يىلى يېزا ئۆيلىرى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان پىلان بولۇش، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ئاساسىي ئوڭشاش تەدبىرلىرى بولۇش، شارائىت ھازىرلىغانلار تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك كەنت پىلانىنى تۈزۈش، پىلان تۈزۈش شارائىتىنى ۋاقتىنچە ھازىرلىمىغان كەنتلەر يېزا-بازار ياكى تېخىمۇ چوڭ رايوننى بىرلىك قىلىپ پىلان تۈزسە بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك يېزا تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە باش مەسئۇل بولۇش، ناھىيە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي گەۋدە مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش، تەجرىبە توپلاش، ئىمكانىيەتلىك، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرى چېن جىڭگاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2016-يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، يېزىلاردىكى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېشىل يېزا-كەنت قورۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنئەنىۋى يېزا ۋە ئاھالىلەرنى قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر