- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە سۇرىيە سۆھبىتى رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ
2016.02.05 14:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى گاتىلوۋ 4-يانۋار رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشى رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، گاتىلوۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە كۆپ قېتىم رۇسىيە، سۇرىيە خەلقى ۋە سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستىرا 3-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى ۋاقتىنچە توختاپ قالدى، تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ۋاقتى ھازىرچە 25- فېۋرال قىلىپ بېكىتىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر