باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتونوم رايون 27 تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىدۇ

2016.03.30 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3–ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى»غا سەپەرۋەرلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ھەر مىللەت ئامما نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، بىر قاتار كەسكىن ۋە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىدۇ. جايلار ئۆز رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

  كونكرېت چارىلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: رايون ئىچىدە ھەرقايسى مىللەتلەر باپباراۋەر بولۇشقا كاپالەت قىلىش؛ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەپ، ھەر مىللەت رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن دوست بولۇش؛ بىر تۈركۈم ھەر مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش؛ كۆچمە ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، 1-مايدىن باشلاپ خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت كارتىسىنى ئىشلەتمەسلىك؛ ئېچىۋېتىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، پاسپورت بېرىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە باشلامچىلىق بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گۇۋاھنامىسى قېلىپلاشماسلىق، بىرلىككە كەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش؛ قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش؛

  تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە كاماندروپكىغا بېرىش، ئىش بېجىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىش؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە خىزمەتچى خادىملارنى ئەۋەتىشنى زورايتىش، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئارىلىشىپ بىللە ئولتۇراقلىشىشتا روشەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش؛ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى تەرجىمە خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش؛

  بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قەشقەر كوزىچى ياربېشى ساياھەت رايونىنى ياخشى قوغداش؛ ھەر مىللەت سەنئەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش؛ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھام بېرىش؛ جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابىتى بويىچە ۋارىسلىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش؛ بىڭتۈەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق 27 تۈرلۈك تەدبىردىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر