باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

3-ئاپرېل قەشقەر شەھىرىدە توغاچ چېچىكى بەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.03.30 16:01   مەنبە: خەلق تورى

3-ئاپرېل قەشقەر شەھىرىدە توغاچ چېچىكى بەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت خەۋىرى) باھار كېلىشى بىلەن قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا مېۋىلىك دەرەخلەر بەس-بەستە چېچەكلەپ، ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرە شەكىللىنىدۇ. قەشقەر شەھىرى مۇشۇ گۈزەللىكتىن ئورتاق بەھىر ئىلىش مەقسىتىدە، چوكانتال بايرىمىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە 3-قېتىملىق توغاچ چېچىكى بەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ.

  بۇ بايرام 3-ئاپرېلدىن 10-ئاپرېلغىچە توغاچ ماكانى ئاۋات يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، قىپقىزىل چېچەكلىگەن توغاچزارلىقتا كىشىلەر تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، مەملىكىتىمىزگە داڭلىق چولپانلاردىن «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى» پىروگراممىسىنىڭ چېمپىيونى گۈلمىھرە مۇھەممەت، ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇكىرىم ئابلىز، داڭلىق ئۇسسۇلچى ئامانگۈل سىدىق، مەملىكىتىمىزدە شۆھرەت قازانغان ئارافات ئارسىلان، تونۇلۇۋاتقان ياش سېرىكچى ئەنۋەر ئازاد، مۇزىكانت غالىپ رېھىم قاتارلىق سەنئەتكارلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى، 100 كىشىلىك ساما، 15 جۈپ ياشنىڭ چېچەكلىكتىكى توي مۇراسىمى؛ قوچقار، توخو سوقۇشتۇرۇش، دېھقان ئاياللارنىڭ مودېل مۇسابىقىسى، كۆك چۆچۆرىسى تۈگۈش مۇسابىقىسى؛ ئەڭ گۈزەل ئائىلە، ئەڭ ياخشى كېلىن باھالاش مۇسابىقىسى؛ 100 يىللىق چىلانزارلىقنى مەپىلىك سەيلە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىنىمۇ بەزمە خۇشاللىقىغا جۆر بولىدۇ. بەزمىدە يەنە ساياھەتچىلەر قولى گۈل قەشقەر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، دېھقانلار ئەتكەن يەرلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، كۆڭۈللۈك باھار سەيلىسى قىلالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …
      ·2016-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى 
      ·مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزا: مەكتەپتە يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىقنىڭ قانۇن چېگراسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تەكرار ئىمتىھان بېرىش نومۇر …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…