باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.03.24 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2016 - يىللىق شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق پىلانى (قىسقارتىپ «ھەمكارلىق پىلانى»)دىكى سەنئەت تۈرى كەسپىي ئىمتىھانى 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە نەق مەيداندا تىزىملىنىدىكەن، 3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. تىزىملىتىش ئورنى ۋە ئىمتىھان نۇقتىسى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا تەسسىس قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مەركىزىي مۇزىكا ئىنستىتۇتى، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق 14 «ھەمكارلىق پىلانى»دىكى سەنئەت مەكتەپلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئومۇمەن 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ھەم تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا باراۋەر قوللىنىلىدىغان تىلدا ئىمتىھان بەرسە بولىدىكەن. نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچى « ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سەنئەت تۈرى (سەنئەت ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار) كەسپىي ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسى»نى كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن. سەنئەت ۋە مۇزىكا كەسپىي ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئاپتونۇم رايون بىر تۇتاش تەشكىللىگەن سەنئەت ۋە مۇزىكا كەسپىي ئىمتىھانى لاياقەتنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىشى: مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى بەدىئىي لايىھەلەش كەسپى، تەسۋىرىي سەنئەت كەسپى ۋە جۇڭگوچە رەسىم كەسپى ئىمتىھانى ئاللىبۇرۇن چېڭدۇدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئاخىرلاشتى. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2015 ـ يىلىدىن باشلاپ قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر 2016 - يىللىق ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكچى بولسا، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر