- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ئۆي-زېمىن سودا كۆرگەزمىسى 31-مارت ئۆتكۈزۈلىدۇ
2016.03.23 17:14 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ئۆي-زېمىن سودا كۆرگەزمىسى پائالىيتى 31-مارتتىن 4-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، تارماق پائالىيەت مەيدانى ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردا بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پائالىيەت مەيدانى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 12 مىڭ كىۋادىرات مېتىرغا يېتىدۇ، تاۋار ئۆيلەرنى ئاساس قىلغان، نىمكەش ئۆي، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىشلىق مەھسۇلات، مۇلازىمەتنى قوشۇمچە قىلغان بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە سودا پائالىيىتىدە، تەشكىلىي كومىتېت نەقمەيداندا مەسلىھەت سوراشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم سۇپىسى، ئادۋوكات مەسلىھەت سوراش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر